Uyghurs archive

ئۇيغۇرلار ئارخىبى

ئۇيغۇرلار ئورنىدىن دەست تۇرالايدۇ

0
3 مىلىيۇن قېرىندىشىمىز جازا لاگىرىدا ئازاپ چېكىۋاتىدۇ ياكى ئۆلىۋاتىدۇ.
0
بىز يەنە ھەركەت قىلمىساق ئۇيغۇرلار تارىخ بېتىدىن ئۆچۈرىلىدۇ.

شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ئارخىبى

ئارخىبلار مۇھىم. بۇلۇپمۇ بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم. ئارخىبلار بىزنىڭ پائالىيەتلىرىمىزنى ئىسپات بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەمدە شەخىسلەر ۋە تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ كۈرەشلىرىنى ۋە خاتالىقلىرىنى تونۇتۇپ، تەجىربە-ساۋاقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەۋلادلىرىمىزنىڭ توغرا قەدەم بېسىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ھەقىقەتنى بىلدۈرىدۇ.
خىتاي ئۇيغۇرنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش قەدىمىنى كۈندىن-كۈنگە تىزلىتىۋاتىدۇ. ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا ماددى ئارخىبلىرىمىزنى يوقىتىش بىلەن بىرگە تور بەتلەردىكى ئارخىبلارنىمۇ بىردىن-بىر ئۆچۈرۋاتىدۇ. باللىرىمىزغا ئۆزىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنى مەجبۇرلاپ تېڭىۋاتىدۇ. بىزنىڭ كىملىكىمىزنى ئۇنتۇلدۇرماقچى، بىزنى تارىخ بېتىدىن ئۆچۈرمەكچى بولىۋاتقان بۇ ھالقىلىق پەيىتتە، ئارخىبلىرىمىزنى يىغىپ ساقلاپ ئەۋلادلىرىمىزغا قالدۇرۇش بىزنىڭ مۇھىم قىلمىساق بولمايدىغان ئىشلارنىڭ بىرى.

خىتاي ئۇيغۇرنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش قەدىمىنى كۈندىن-كۈنگە تىزلىتىۋاتىدۇ. ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا ماددى ئارخىبلىرىمىزنى يوقىتىش بىلەن بىرگە تور بەتلەردىكى ئارخىبلارنىمۇ بىردىن-بىر ئۆچۈرۋاتىدۇ. ئۇيغۇر دەۋا ئىشلىرىغا ياردەمدە بۇلۇش، شۇنداقلا ئانا تىلىمىز ۋە گۈزەل مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مەقسىتىدە بۇ ئارخىب تور بېتىنى قۇرۇپ چىقتۇق. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت، تارىخىغا ئائىت كىتابلار رەسىملەر، ۋىدىئولار، ھۆججەتلەر، مەلۇماتلارنى ۋە مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلارنىڭ خىتاي زۇلۇمىغا قارشى پائالىيەتلىرى، نۇتۇقلىرى، يازمىللىرى، قىممەتلىك رەسىملىرى، ۋىدىئولىرى، چەتئەل مېدىئاسى خەۋەرلىرى، ئالاقىدار تور ئادرىسلىرىنى شۇنداقلا ھازىرقى خىتاي زۇلۇملىرىنى سېستىملىق ھالدا ئارخىب شەكىلىدە تور بېتىمىزگە توپلايمىز. بۇ ئارخىبلارغا ئىھتىياجى بولغان قېرىنداشلار تور بېتىمىزدىن ئاسانلا تاپالايدۇ. پىلانىمىزدا قىسقا مۇددەت ئىچىدە بارلىق قىممىتى بار ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئارخىبلارنى توپلاپ ئەۋلادلىرىمىزغا قالدۇرۇش، شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ بالدۇرراق دەۋا ئىشلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىشىغا تىرىشىمىز. بۇ مەقسىتىمىزگە يېتىش ئۈچۈن سىزلەرنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ياردىمىڭلارغا مۇھتاجمىز. تاما-تاما كۆل بولۇر. ھەر كۈنى ھەربىرىمىز ئاز-ئازدىن توپلىساق چۇقۇم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەقسىتىمىزگە يېتەلەيدىغانلىمىزغا ئىشىنىمىز.

ياش ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،
ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بوپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز.
ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز،
ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.
قالدى ئىز چۆللەر ئارا گاھى داۋانلاردا يەنە،
قالدى نى-نى ئارسلانلار دەشتى-چۆلدە قەبرىسىز.
قەبرىسىز قالدى دىمەڭ يۇلغۇن قىزارغان دالىدا،
گۈل چېچەككە پۈركىنۇر تاڭلا-باھاردا قەبرىمىز.
قالدى ئىز چۆللەر ئارا گاھى داۋانلاردا يەنە،
چىقسا بوران كۆچسە قۇملار ھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز.
قايتماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئۇرۇق،
تاپقۇسى بۇ ئىزنى بىر كۈن، نەۋرىمىز-يا ئەۋرىمىز

ﻗﯘﺭﺗﯘﻟﯘﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺳﯘﺩﻩﻙ ﺋﺎﻗﺘﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯩﻤﯩﺰ،
ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﻱ ﻳﯘﺭتۇمىز، ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ فىدا ﺑﯘ ﺟﺎﻧﯩﻤﯩﺰ.
ﻗﺎﻥ كەچىپ ﮪﻪﻡ ﺟﺎﻥ بەرﯨﭗ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻗﯘرﺗﯘﻟﺪﯗﺭﺩﯗﻕ سەنى،
ﻗﯘرﺗﻘﯘﺯﯗﺷﻘﺎ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻤﯩﺰ.
* * *
ﻳﯘﺭتۇمىز ﺑﯩﺰ ﻳﯜﺯ-ﻛﯚﺯۈﯕﻨﻰ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺰلەدﯗﻕ،
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﮪﯩﭻ ﻛﯩﺮﻟﻪتمەگەﻳﻤﯩﺰ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﺘﯘﺭ ﻧﺎمىمىز.
ﻳﺎﺭﯗ ﮪﻪﻣﺪﻩﻡ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ھىممەتىمىز ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ،
دۇنيانى سوراغان ئىدى ھىممەت بىلەن ئەجدادىمىز.
* * *
ئاتالارنىڭ ﺟﻪڭلەرى ﺋﯚﭼﻤﻪﻳﺪﯗ ﺗﺎﺭﯨﺦ بەتىدىن،
نەسلى قالدى جەڭگاۋەر، بىز ئۇنىڭ ئەۋلادى بىز.
ﭼﯩﻘﺘﻰ ﺟﺎﻥ ﮪﻪﻡ ﺋﺎﻗﺘﻰ ﻗﺎﻥ، ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻳﺎﯞﺩﯨﻦ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﻣﺎﻥ،
ﻳﺎشاسۇﻥ ﮪﯩﭻ ﺋﯚلمەسۇﻥ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻤﯩﺰ.
* * *
ﻳﺎشاسۇن، ﻣﯩﯔ ياشاسۇن، ﭘﺎﺭﻻنسۇن ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻤﯩﺰ

تابغاچ(خەنزۇ)خەلقى بىلەن ياراشتىم.(ئۇلار)ئالتۇن-كۆمۈش،ھاراق-شاراپ،يىپەك(ماللارنى)غەم قىلمايلا بېرىدۇ؛

تابغاچ خەلقىنىڭ گىپى چۈچۈك سوۋغاتلىرى ئېسىل ئىكەن،تاتلىق سۆزى،ئېسىل سوۋغاتلىرى ئارقىلىق يىراقتىكى خەلقلەرنى

 ئۆزىگە شۇنچە يېقىنلاشتۇرىدىكەن.

–مەڭگۈ تاش خاتىرلىرى–

ئۇيغۇرلار ئارخىبى تورى پايدا ئالمايدىغان توربېكەت. سىز توربېتىمىزدىن  ئۇيغۇرلارغا ئائىت ھەقسىز كىتابلارنى، ۋىدىئولارنى، فىلىملەرنى، مۇزىكىلارنى ۋە تارىخى رەسىملەرنى بېۋاستە كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرۋالالايسىز. شۇنداقلار ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى سەرخىل تور بەتلەرنى تاپالايسىز. 

سەرخىل ۋىدىئولار، خەۋەرلەرنى ۋە فىلىملەرنى چۈشۈرەلەيسىز ۋە تور بېكىتىمىزدىن بىۋاستە كۆرەلەيسىز 

ھەرخىل ئۇيغۇرلارغا ئائىت رەسىملەر ۋە خىتاي زۇلۇملىرى ئەكىس ئەتتۈرگەن رەسىملەر ئارخىبى 

ھەقسىز ئۇيغۇرچە كىتابلار، ماقالىلار ۋە چەتئەل ئارخىب توربەتلىرىدىكى ئۇيغۇرغا ئائىت مۇھىم ئارخىبلار

ئاۋازلىق كىتابلار، مۇزىكىلار ۋە ئاۋازلىق مۇھىم ئارخىبلار

ھەرخىل تېمىدىكى مۇنازىرە ۋە مۇلاھىزىلەر

نادىر ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرى

Advertisements